خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ RFA كارتونىستى رېبېل پېپىرغا تۇزاق قۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى (RFA) نىڭ كارتونىستى، ژۇرنالىست رېبېل پېپىر (Rebel Pepper) غا تۇزاق قۇرۇپ ئۇنى كامبودژاغا ئالداپ ئاپارماقچى ھەمدە شۇ جايدا تۇتقۇن قىلماقچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئاۋسترالىيە ABC قانىلىنىڭ «تۆت بۇلۇڭ» پىروگراممىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش پىروگراممىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، كامبودژادىكى بىر شىركەتنىڭ خادىملىرى سىياقىغا كىرىۋالغان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تۇتقۇن پىلانى رېبېل پېپىرنىڭ كامبودژاغا بېرىشتىن باش تارتىشى سەۋەبلىك ئىشقا ئاشمىغان.

«رېبېل پېپىر» («ئىسيانكار مۇچ») تەخەللۇسىدىكى ۋاڭ لىمىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت سىياسى كارتونلارنى سىزىپ داڭ چىقارغان. شۇنداقلا ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇش، لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، سىياسىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە كۆپلىگەن سىياسىي كارتونلارنى سىزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. ئۇنىڭ خىتاي ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى تەسۋىرلەشتىكى ئۆزگىچە سىياسىي كارتونچىلىق تالانتى ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۈشمىنى» گە ئايلاندۇرۇپ، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ نىشانى قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. رېبېل پېپىرنىڭ «تۆت بۇلۇڭ» پىروگراممىسىدا قەيت قىلىشىچە، ئېلخەت ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆزىنى كامبودژادىكى بىر شىركەتنىڭ مەسئۇل خادىمى،دەپ تونۇشتۇرغان بىرسى ئۇنىڭدىن مەلۇم ھەق بەدىلىگە شىركەتنىڭ ئېلان-سەنئىتى ئۈچۈن كارتون سىزىپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن.

رېبېل پېپىر بۇ شىركەتكە كارتون سىزىپ بېرىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ شەخس ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلەشكەن. بۇ قېتىم ئۇ رېبېل پېپىرغا كامبودژاغا كېلىپ شىركەتتە يۇقىرى مائاش بىلەن ئىشلەش تەكلىپىنى سۇنغان. رېبېل پېپىر كامبودژاغا بېرىشنى خالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئايالىنىڭ توسۇشى بىلەن بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. ABC نىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رېبېل پېپىر بىلەن ئالاقىلەشكەن كامبودژادىكى شەخس ئەمەلىيەتتە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ جاسۇسى ئىكەن.