تۇنجى ئۇيغۇر دوكتور رويالچى كونسېرت ئۆتكۈزمەكچى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.04.10

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر رويالچى گۈلمىنە مەخمۇت 21- ئاپرېل ئوخايو ئۇنىۋېرسىتېتىدا قوش كىشىلىك رويال ئورۇنلاش كونسېرتى ئۆتكۈزمەكچى.

گۈلمىنە مەخمۇتنىڭ تور بېتىگە قارىغاندا، ئۇ ئەسلى قاراماي شەھىرىدىن بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە رويال چېلىشتا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان تۇنجى ئۇيغۇر ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گۈلمىنە 15 يېشىدىن باشلاپلا خىتايدىكى داڭلىق مۇزىكا ئىنستىتۇتلىرىدا ئوقۇغان.

ئۇ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئامېرىكا پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى كانزاس شەھىرىدىكى مىسسورى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالغان.

گۈلمىنە نۆۋەتتە ئوخايو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا رويال ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئېشىلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.