ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نۇپۇزلىق ئىككى جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى 21-ئۆكتەبىر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى توماس باخقا يەنە خەت يېزىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس توماس باخقا يازغان خېتىدە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىل 2-ئايغىچە ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئۆزگەرتمىسە، قىشلىق ئولىمپىكنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك،» ئىكەن.
ئۇلار خېتىدە ئامېرىكانىڭ ھەر ئىككى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتا سادىر قىلغان ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەنلىكى، كانادا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، لېتۋا، چېخ، بېلگىيەنىڭمۇ ئوخشاش قارار چىقارغانلىقى، گېرمانىيەنىڭ ئويلىشىۋاتقانلىقى، بۇ يىل 3-ئايدا 30 دىن ئارتۇق خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسىنىڭ خىتاينى «ب د ت ئىرقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىغا خىلاپلىق قىلدى» دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ماركۇ رۇبىيو بىلەن كرىستوفېر سىمىسنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە 2-قېتىم خەت يېزىشىدۇر.
ئۇلار بۇ يىل 23-ئىيۇل كۈنى يازغان خېتىدىمۇ قىشلىق ئولىمپىكنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بىراق ئولىمپىك كومىتېتى ئۇلارغا يازغان جاۋاپ خېتىدە ئۆزلىرىنىڭ «دۇنياۋى سىياسەتتە بىتەرەپ» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن رۇبىيو بىلەن سىمىس 21-ئۆكتەبىر يازغان خېتىدە: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەخلاقى قارار، بۇ ھەرگىز سىياسەت ئەمەس. ئەخلاقى قارار چىقىرىش مەسئۇلىيىتىگە كەلگەندە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى يوق،» دەپ كۆرسەتكەن.