رۇسىيە يېقىندا رۇسىيەنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق بىر ئۆستەڭ قېزىپ، ئۇيغۇر رايونىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى توختاتقان. رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئالىكساندىر تۇخاچېف، مەزكۇر پىلاننىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالىكساندېر تۇخاچېف: «خىتاينى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ھېچقانداق ئەمەلىي ئىجرائاتى بولمايدۇ. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ رۇسىيە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى تولۇق كۆزدىن كەچۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ قۇرۇلۇشنى قايتا ئويلىشىشىمىز مۇمكىن» دېگەن.
رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاشكارىلانغان. «رۇسىيە گېزىتى» نىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ئالىكساندېر تۇخاچېف شۇ كۈنى خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىغا ئۆستەڭ قېزىپ، خىتاينى سۇ بىلەن تەمىنلەش پىكرىنى رۇسىيە تەرەپنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما بۇ پىلان رۇسىيەدە قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھېدرولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىكساندېر گرىفىن، «بۇ قۇرۇلۇش ھېچقانداق تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەي كاللىدىكى خىيالغا قاراپلا چىقىرىلغان قارار» دېگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، رايوندا شەھەرلىشىشنى جىددىي قانات يايدۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سۇ مەسىلىسى ئۇنىڭ بۇ پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن.