ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىكى باياناتچىسى: «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» خىتاينىڭ قەبىھ زوراۋانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلىدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.05.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

BBC ئاگېنتلىقى 24-ماي كۈنى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، بۇ پارتلاتقۇچ خەۋەر دۇنيا مىقياسىدىكى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم. بۇ ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن تەڭ، خىتاي ئىزچىل تۈردە «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتاپ كەلگەن جاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئىكەنلىكى، ئاتالمىش كۇرسانتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ قۇربانلىرى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئىسپاتلىرى بىلەن پاش قىلىنغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقاندا، بۇ ھۆججەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، سىياسەتچىلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى 24-ماي كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قەبىھ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكادىكى ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلار بىردەك ئىشلەتكەن «كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۈرەتلەر» دېگەن ئىبارىنى نەقىل ئورنىدا قوللانغان. ئۇ: «بىز شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە سۈرەتلەردىن چۆچۈپ كەتتۇق. بۇ خەۋەرلەر شىنجاڭدىكى قەبىھ زوراۋانلىقنى كۆپلىگەن دەلىللەر بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلىدى،» دېگەن.

خاككېرلار ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە 5000 پارچىدىن كۆپ سۈرەت، يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىگەن سۆزى ۋە ساقچى ئورگانلىرىنىڭ قەبىھ نىزام-بەلگىلىمىلىرى بار ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سۈرەتلەر 2018-يىل قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئاتالمىش «كۇرسانتلار» نىڭ باش سۈرەتلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ لاگېردىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە دائىر كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىكەن. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە باش سۈرەتلىرى بىلەن بىللە ئاشكارىلانغان تۇتقۇنلارنىڭ سانى 3700 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ سان قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ پەقەتلا ئاز بىر قىسمى ئىكەن. رادىيومىزنىڭ ئېنىقلىشىچە ھەم ئادرېئان زېنزنىڭ ماقالىسىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇلار قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە نوپۇسىنىڭ ئون پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. باش سۈرەتلىرىدە «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق» قالپىقى كىيگەن 14 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-ياشقا تولغان كۆزلىرى خىتاينىڭ دەھشەتلىك جىنايىتىنى نامايەن قىلىپ، دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا سوئال قويۇۋاتقان بولۇپ، دۇنيانىڭ بۇ جىنايەتكە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانماقتا ئىكەن.

ئىگلىنىشىچە، بۇ ھۆججەت ئارقىلىق خىتاينىڭ دەھشەتلىك جىنايىتى پاش بولغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى غەزەبلەنگەن، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار چەكسىز ئازابلانغان. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى ئاننالېنا بايېربوك (Annalena Baerbock) 24-ماي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس، سۈكۈت قىلىدىغان ئىش ئەمەس» دېگەن ھەمدە شۇ كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تور ئارقىلىق كۆرۈشكەندە، «كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ دوكلات ۋە ئىسپات» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئەھۋالنى ئوچۇق-ئاشكارا تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرىمۇ خىتاينىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىنى قاتتىق ئەيبلىگەن ۋە خىتاينى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ئۆمىكىنى ئۇيغۇر رايونىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىرغان. «بۈگۈنكى ئامېرىكا» قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارمۇ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ھەققىدە باش ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە بۇ مەسىلىنى ئېنىقلاپ تەھقىقلەپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت