خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا خىزمەت كۆرسەتكەن 2 ئورۇن بىلەن 6 شەخسنى مۇكاپاتلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.04.14

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 13-ئاپرىل ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تەقىب ۋە تۇتقۇندا خىزمەت كۆرسەتكەن 2 ئورۇن بىلەن 6 نەپەر شەخسكە 2021-يىللىق «1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى» ۋە «ئاۋانگارت ئەمگەكچى» نامى بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق مۇكاپاتلاشتا خىتاينىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدىكى 4 ئورۇن ۋە 17 شەخس «1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى» غا، 14 ئورۇن «ئاۋانگارت ئەمگەكچى» نامىغا لايىق كۆرۈلگەن.

بۇ مۇكاپاتنىڭ دىققەت قىلارلىق نۇقتىسى «1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى» غا خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى 4 ئورۇننىڭ بىرىنىڭ ۋە 17 شەخسنىڭ تۆت نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولۇشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىدۇر. كۆزەتكۇچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرىقى بىر ئورۇن ۋە تۆت شەخسنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ مەزگىل ئىچىدىكى باستۇرۇشى ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە قاتارلىق دولەتلەر تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىندى.

«شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى سەكسەن ئۆيلۈك چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى، بورتالا شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرەھىم يۇنۇس، جىڭ ناھىيەلىك ج. خ. ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئامان رېھىم، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە تاشمىلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى توختاجى مەمەتتۇرسۇن قاتارلىقلار «1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئورۇن ۋە شەخسلەر بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدائىرىسى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش باش ئەترىتى بولسا «ئاۋانگارت ئەمگەكچى» نامىغا ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.