ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيەلەر داۋاملىق ساقچى قوبۇل قىلماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىغا يەنە كۆپلەپ ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

1-فېۋرال كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە لوپنۇر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى ۋە تەكشۈرۈش-چارلاش بېكەتلىرىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يەنە 200 نەپەر ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

لوپنۇر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يەنە، ناھىيەنىڭ تەپتىش ئىدارىسىگە جەمئىيەتتىن 7 نەپەر پۈتۈكچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى چىن دىلىدىن قوللايدىغان بولۇشى شەرت قىلىنىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەگەر دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسەتلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ھىمايە قىلمىسا ۋە ئىلگىرى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بولسا ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

1-فېۋرال كۈنى يەنە، كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىمۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، كورلىدىكى ئاتالمىش «ئاممىغا قۇلايلىق ساقچى پونكىتلىرى» ئۈچۈن جەمئىيەتتىن 200 نەپەر ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولاپ، رايوندا ئاللىقاچان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر شارائىتتا يەنە توختىماي ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى سەپلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

تېخى يېقىندا يوپۇرغا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ناھىيەگە 200 نەپەر كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى «جېيمىس توۋېن فوندى جەمئىيىتى» ناملىق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ 2017‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىككە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا سەرپ قىلغان پۇلى 3 ھەسسە ئارتقان.