ۋالمارت خىتايدىكى دۇكانلىرىدىن ساختا ئېشەك گۆشىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان

خىتايدا داڭلىق ئاتالمىش ئېشەك گۆشىنىڭمۇ يالغان ئىكەنلىكى، خىتايدا «ئېشەك گۆشى» دەپ ۋالمارتتا سېتىلغان گۆشلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈلكە گۆشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

شۇ ۋەجىدىن ۋالمارت شىركىتى خىتايدىكى دۇكانلىرىدىن ئېشەك گۆشى مەھسۇلاتىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەندۇڭدىكى يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋالمارتتا سېتىلغان ئېشەك گۆشى ئۈستىدىن DNA تەجرىبىسى ئىشلەپ، بۇ گۆشلەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

بۇ، خىتايدا 400 گە يېقىن تاللا بازىرى ئاچقان ۋالمارت ئۈچۈن بىر شۇم خەۋەر ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋالمارت يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدىكى دۇكان سانىنى 500 گە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، بۇ ئېشەك گۆش سەتچىلىكى كىشىلەرنىڭ ۋالمارتقا بولغان ئىشەنچىنى سۇسلاشتۇرۇلغان.

خىتايدا يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

يېقىندا، خىتايدا ئەۋرەز يولى يۇندىلىرىدىن ئايرىلغان ماي، چاشقان گۆشىدىن ئىشلەنگەن «قوي گۆشى كاۋىپى» قاتارلىقلارنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۇيغۇر ئىستېمالچىلار ئارىسىدا مۇنازىرە قىلىنغان ئىدى.