خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 488 مىليون پارچە ساختا ئۇچۇر تارقىتىدىكەن

بلۇمبېرگ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ سەزگۈر سىياسىي مۇنازىرە ۋە سەلبىي خەۋەرلەرگە دىققەت ئاغدۇرۇشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەر يىلى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا 488 مىليون پارچە ساختا ئۇچۇر تارقىتىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ مەلۇماتلار يېقىندا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينىڭ تور ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى تەشۋىقات ھەرىكىتى ھەققىدە ھازىرلىغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلانغان.

دوكلاتنى گاري كىڭ قاتارلىق ئۈچ نەپەر تەتقىقاتچى بىرلىشىپ تەييارلىغان. بۇ دوكلات خىتايدا «50سىنت پارتىيەسى» دەپ ئاتالغان تەشۋىقات ئىشچىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى سىستېمىلىق تەتقىقات ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەشۋىقاتچىلار توردا پىكىر يازغاندا، تەقرىزچىلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇنازىرىگە چۈشۈپ قېلىش ۋە چەتئەل ھۆكمەتلىرىنى مەسخىرە قىلىشتىن ساقلىنىدىكەن.

ئەكسىچە ئۇلار تورداشلارنىڭ دىققىتىنى ئاكتىپ ۋە قىزىق مۇنازىرە تېمىلىرىدىن چېچىپ، ئىجابىي، ھۆكۈمەتنى ماختايدىغان، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي تارىخىنى ياقىلايدىغان باھارنى يېزىش بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى يازغۇچىلار خىتاي تورداشلار ئارىسىدا مەسخىرىلىك ھالدا «50سىنت پارتىيەسى» دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەق ئالغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سوت، كادىرلار باشقارمىسى ۋە باج ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرىزىچە، توردا ساختا ئىنكاس يوللاش ئۇلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خىل تەشۋىقاتچىلار خىتايدا چوڭ تىپتىكى ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە بىردىنلا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتىشىدىكەن.

2013 - يىلى 26 - ئىيۇل پىچاندا ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 28 - ئىيۇل ئۇچتۇرپاندا ساقچى خادىمىنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، 2013 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا قاراشلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن مەزگىلدە يەنى شۇ يىلى ئىيۇلدا خىتاي كومپارتىيەسى ۋە سابىق ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى مەدھىيىلەش يازمىلىرى تور يۈزىنى بىردىنلا قاپلاشقا باشلىغان.

خەۋەردە دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، «نۆۋەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتى چەتئەل دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىغاندا، ئۆز خەلقى قوزغايدىغان ئىچكى توپىلاڭلاردىن بەكرەك قورقىدۇ» كەن.