سايراگۈل ساۋۇتباي ئامېرىكادا خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4-مارت كۈنى مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، 2020-يىللىق «جەسۇر ئاياللار خەلقئارا مۇكاپاتى» نى تارقاتتى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە غەرب دۇنياسىغا دەسلەپ بولۇپ گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلاردىن سايراگۈل ساۋۇتبايمۇ بۇ يىللىق 12 نەپەر مۇكاپات ساھىبىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكانىڭ «بىرىنچى خانىمى» مېلېنېيا ترامپ مەخسۇس سۆز قىلدى. مايك پومپېيو سايراگۈلنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېردا باشتىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەچ، ئۇنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئالغا چىققانلىقى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى دۇنياغا پاش قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ «سايراگۈل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر،» دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق مۇكاپات تارقىتىلىۋاتقىلى 14 يىل بولغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مۇكاپاتى دۇنيا مىقياسىدىكى ئاياللارنىڭ شىجائەت ۋە جەسۇرلۇققا تولغان تۈرلۈك باتۇرانە پائالىيەتلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.