سايراگۈلنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ قىسمەن سىرىنى ئاچقان
2018.07.31
بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا قېچىپ بارغان سايراگۈل ساۋۇتباي 21-مايدا «چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، قازاقىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. يېقىندا ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا سايراگۈل ئۆزىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان لاگېرلارنىڭ بىرىدە خىتاي تارىخىدىن دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى ھەمدە بۇ جەرياندا ئاشۇ لاگېردا كۆرگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 31-ئىيۇل سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، سايراگۈل ئۆزىنىڭ باياناتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ھەمدە بۇلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيىتى» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇنى ئاشكارىلىغان كىشىلەرنىڭ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېرى ئىسلام ئۇۋالى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھازىر ئۇ يەردىكىلەر (ئۇيغۇر دىيارىدىكىلەر) بۇ مەركەزلەردىكى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭدەك قانچىلىك كىشىلەرنىڭ بۇ جايلاردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ياكى ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. بىلگەنلەرمۇ بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ھەقتە بىرەر ئېغىر سۆزلەپلا قويسا بالاغا قالغىنى شۇ» دېگەن.
خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ ۋېي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نۆۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەر ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە تورلاردا يالغان-ياۋىداقلارنى ئويدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا قارا سۇۋىماقتا» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سايراگۈل قازاق بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرى ۋە ئىككى بالىسى قازاقىستان پۇقراسى ئىكەن. بۇ ھەقتىكى سوتنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولۇپ، سوتچىلار سايراگۈلنىڭ ئۆزىنى قازاقىستاندا جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاش، خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىسى 1-ئاۋغۇستتا قايتا باشلىنىدىكەن.