ھىندىستان ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا رەسمىي ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقى مۇشۇ ئاي ئىچىدە جاكارلىنىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇشۇ ئاي ئىچىدە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ ئەزالىقىنىڭ رەسمىي ھالدا جاكارلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 2001-يىلى تەشكىلات قۇرۇلغاندىن بۇيان تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىملىق كېڭىيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خۇا چۈنيىڭ يەنە « بۇنىڭ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەڭ كۆپ زېمىن ۋە نوپۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىك بىر تەشكىلات بولۇپ قالغۇسى» دېگەن. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى بۇ قارارنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خەلقئارا سەھنىدىن چېكىنىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي باشچىلىقىدا يىلى قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق 6 رەسمىي ئەزاسى بار بولۇپ، ئىران ، تۈركىيە ۋە ئەرمىنىيە قاتارلىق 10 دۆلەتمۇ كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر قاتارىدا تەشكىلاتنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كەلمەكتە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر ئارا ھەربىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.