شاڭخەي خەلقئارا ئايرودرومىنى پارتلاتقان گۇماندار 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.02.17

خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 2016‏-يىلى شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا قولدا ياسالغان بومبا قويۇپ پارتلاتقان گۇماندارنى 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. 2016‏-يىلى 12‏-ئىيۇندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 3 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

ساقچىلار بومبىنى 29 ياشلىق جۇ شىڭبەينىڭ پارتلاتقانلىقىنى، بومبىنىڭ پىۋا بوتۇلكىسىغا سالىئۇت دورىسى قاچىلاپ ياسالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەينى چاغدا جۇ شىڭبەي ئايرودرومدىكى ئاممىغا قارىتىپ 3 بوتۇلكىلىق بومبا ئاتقان. ئەمما بومبىدىن ئىككىسى پارتلاپ، بىرى پارتلىمىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مەھكىمە جۇ شىبەينىڭ ئىلگىرى شەخسى تۇرمۇش ۋە ۋە مۇھەببەت مەسىلىسىدە بەزى زىددىيەتلەرگە پېتىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، جۇ شىڭبەينىڭ 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، خىتاي قانۇنىنىڭ پەرقلىق رايونلاردا، پەرقلىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالىكەن. ئۇيغۇر رايونىدا بومبا ياساپ پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسى «تېررورلۇق» جىنايىتىگە كىرىدۇ.

بۇ خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن گۇماندارلارغا ئېغىرلاشتۇرۇپ جازا بېرىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ خىل جىنايەت سادىر قىلغان ئۇيغۇر گۇماندارلار ئۆلۈم جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوت مەھكىمىسى جۇ شىڭبەينىڭ شەخسى تۇرمۇش مەسىلىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ روھىي كېسىلى بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر دەلىل تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.