ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك كومىتېتى» خىتاينىڭ «تېمۇ» ۋە «شېيىن» قاتارلىق توردا پارچە ساتقۇچى شىركەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
مەزكۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن پىتىر فېلدمەن (Peter A. Feldman) ۋە دوگلاس زىياك (Douglas Dziak) 3-سېنتەبىر كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ «شېيىن»، «تېمۇ» قاتارلىق توردا پارچە سېتىش سۇپىلىرىدا سېتىلىۋاتقان ماللارنىڭ «ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىكى قانۇنى» دىكى ماددىلارغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەكشۈرگۈچىلەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كومىسسىيەگە دوكلات قىلىپ تاپشۇرىدىكەن.
باياناتتىن قارىغاندا، «شېيىن» ۋە «تېمۇ» سۇپىلىرىدا ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەسلىكتىن ئىبارەت «ئەڭ تۆۋەن چەك» قائىدىسى بويىچە تۈرلۈك ماللار تەكشۈرۈلمەيلا بىۋاسىتە ئىستېمالچىلارغا سېتىلىپ كەلگەن. بۇ تاۋارلار ھەتتا بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكى، تۈرلۈك ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە ئاشخانا بۇيۇملىرى قاتارلىق ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ خىل رېئاللىق «ئامېرىكا ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك كومىتېتى» نى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئىكەن.
«شېيىن» ۋە «تېمۇ» شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى سەۋەبىدىنمۇ ئىزچىل تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركو رۇبىيو قاتارلىق بىر قىسىم ئەزالار ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى «ئەڭ تۆۋەن چەك» قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۈگۈن «X» تىكى ئىنكاسىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى بىلەن بۇلغانغان «شېيىن» ۋە «تېمۇ» شىركەتلىرىنىڭ ئەمدى «ئامېرىكا ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك كومىتېتى» نىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى قارشى ئالغان ۋە ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسىنى ئۆزىنىڭ چاقىرىقىغا تېزرەك ئىنكاس قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان.