شى جىنپىڭ «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ خاتىرە كۈنىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىمىغا پەخرى ئۇنۋان بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.07.06

خىتاي رەئىسى جىنپىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى نامىدىن پەرمان ئېلان قىلىپ، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتىگە «تېرورلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئ‍ۆتكۈر قىلىچى» دەپ نام بەرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ مەزكۇر پەرمانىدا ئۇيغۇر رايوندىكى بارلىق خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى بۇ ئەترەتتىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئەترىتى 2009-يىلى 5-ئ‍ىيۇل كېچىسى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىنڭ ئېلېكتىر توكىنى ئۆچۈرىۋېتىپ، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان ئ‍ىكەن.

شى جىنپىڭ پەرمانىدا بۇ ئەترەتنىڭ «تېرورلۇق» قا قارشى تۇرۇشتىكى «قەھرىمانلىق ئىستىلى»، «خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ئەسكەرلەرنىڭ قانلىق جاسارىتىنى ياراتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەترەتنىڭ قانداق كونكىرېت بىر «قانلىق جاسارەت» كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

شى جىنپىڭنىڭ پەرمانى 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسىي ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پاالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرلىگەن، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتايلار بولۇپ، 200 دەك ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئ‍ىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما شاھىتلار ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەقەدە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ىز-دېرەكسىز غايىپ قىلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.