«ئېكسپرەس» گېزىتى: «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئۇزۇنغا بارماي يىمىرىلىشى مۇمكىن»

ئەنگىلىيەنىڭ «ئېكسپرەس» گېزىتى 10-ئىيۇل مۇتەخەسىسسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇزۇنغا بارماي ئاغدۇرۇلۇشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يىمىرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى كىشىلەر ئ‍ويلىغاندىن كۆپ ئاجىز بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى تازىلىشى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەكس تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

بۇ قاراشنى ئاتاقلىق خىتاي مەسىلىلىرى ئانالىزچىسى پائۇل مونك ئاۋسترالىيەنىڭ «سىكاي خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتقان. پائۇل مونكنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ئارمىيەسى تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا كىرىشسە، زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىكەن.

شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، ئەگەر چەت ئەل كۈچلىرى خىتاينى «بوزەك قىلىشقا ياكى ئۆز تەسىرىگە ئېلىشقا ئ‍ۇرۇنسا، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئېزىپ تاشلايدىغانلىقى» ھەققىدە جار سالغان. لېكىن پائۇل مونكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «ياخشى ئويلىشىپ قىلمىغان ھەرىكەتلىرى» ئۇنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئۇ خىتاي كومپارتىيەسنىڭ ھۆكۈمرانلىق مودېلىنىڭ «ئاخىرىقى ئىشلىتىلىش چېكىگە يەتكەنلىكى»، «ئەگەر خىتاي ئۆزىنى بىخەتەر ۋە قانۇنلۇق» دەپ ھېس قىلسا، بۇ دەرىجىدە پەۋقۇلئاددە چەكلەش ۋە باستۇرۇش ئېلىپ بارمايدىغانلىقى، شۇڭا كومپارتىيەنىڭ قانۇنىي ئورنىغا قارىتا «ئۇپۇقتا بىر قانۇنىيلىق كىرىزىسى» بارلىقىنى بىلدۈرگەن. پائۇل مونكنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى تازلىغان بولۇپ، «تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇنۇشىدىكى ھەرقانداق بىر قىيىنچىلىق ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى يىمىرىش گىردابىغا ئېلىپ بارىدىكەن».