ئۇيغۇر دىيارىدا «شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئۆگىنىش دولقۇنى» كۆتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.07.19

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 13-ئىيۇلدا ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدىن تارتىپ يېزا-قىشلاقلىرىغىچە ھەممىلا جايدا تۇشمۇتۇشتىن «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ياخشى ئۆگىنىپ پارلاق كەلگۈسى يارىتىش» زور دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمتىى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 19-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك يېزىسىدىكى «ئۈچ ئەل» (ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش) خىزمىتىگە چۈشكەن كادىرلار شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە دېھقانلارنى يېزا مەركىزىگە توپلاپ، شى جىنپىڭ ھەققىدىكى تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىنى قويۇپ بەرگەن. يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى پائالىيەتتە ھەرقايسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنى «ئۈلگىلىك ئائىلە» لەرگە توپلاپ شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرگەن. بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان كىشىلەردىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچە يېزىسىدىكى دېھقانلاردىن بۇخەلچەم تۇرسۇن «باش سېكرېتارنىڭ ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئەھۋال سورىغانلىقىنى كۆرۈپ بەك تەسىرلەندىم. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا بۈيۈك ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەندىم» دېگەن.

بۇ خىلدىكى يۈزلىگەن ئاممىنى زاللارغا توپلاپ ئۆي ۋە ئشخانىلارغا قەدەر ئومۇملاشتۇرۇلغان شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرى ھەققىدىكى تەسىرات سۆزلەش پائالىيەتلىردە «ئۈچ ئەل» كادىرلىرى ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلەر بولغان. بۇ جەرياندا نۇقتىلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»، «ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار رولىنى جارى قىلدۇرۇش»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغىرىش» دېگەندەك بىر قاتار مەزمۇنلار قايتىدىن مەركىزىي تېمىلار قاتارىدا ئۆگىنىش بىلەن بىرگە شى جىنپىڭنىڭ «ئالىي داھىي» لىق نوپۇزى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك تەشۋىق قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئۇسلۇبىدا سىياسىي تەشۋىقاتنى كېڭەيتىشى ھەققىدە ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد (James Millward) ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ «شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا سۆزلىرىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى بىزگە ‹شىنجاڭدىكى ھەممە مىللەت خىتاي مىللىتىدۇر، ئۇلار جەزمەن خىتاي بولۇپ تەرەققىي قىلىش كېرەك› دېگەن بىر ئۇچۇرنى يوللايدۇ» دەپ يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.