ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ ۋودروت بومبا ياسىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

چارشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ تۇنجى ۋودروت بومبىسى سىناق قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دائىرىلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ بۇنداق بىر بومبا ياسىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكمىتىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يەر ئاستىكى ھەرىكىتىنى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان دەسلەپكى ئانالىزى شىمالىي كورېيەنىڭ ۋودروت بومبىسىنى سىناق قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي كورېيە چارشەنبە كۈنى بىر «ۋودروت بومبىسىنى يەر ئاستىدا نەتىجىلىك سىناق قىلغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سۇڭجىبائەگام رايونىنىڭ يەر ئاستىدا 5.1 بال يەر تەۋرەش كۆرۈلگەن. بۇ دەل شىمالىي كورېيە«بومبا سىنىدۇق» دېگەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدىكەن.

CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيە ئۆزى دېگەندەك ۋودروت بومبىسى سىناق قىلمىغان بولسىمۇ، بەلكىم باشقا تۈردىكى بىر ھىدروگېن بومبىسى سىناق قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يەر تەۋرەش دەرىجىسى شىمالىي كورېيە 2013-يىلى پلۇتونىي بومبىسى سىناق قىلغاندىكى سىلكىنىش بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي ۋە تېخنىكا ئىقتىدارىغا بەرگەن مۆلچەرىنى ئۆزگەرتىدىغان ھېچقانداق ھادىسە يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.