خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭ ھېكايىلىرى» نى سۆزلەش چولپانلىرىنى سىياسىي سەھنىلەرگە چىقارماقتا

خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىلىرى» نى سۆزلەش ئاكتىپلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. بۇلاردىن بىرى، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، «ئانار روھى» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى غەنىزات توختى بولۇپ، ئۇنىڭ «كۈلكە-يۇمۇر ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەش» تەشەببۇسى خىتاي تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئالاھىدە تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن.

خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» 28-فېۋرال كۈنى چىقارغان بۇ خەۋەردە، غەنىزات توختىنىڭ «ئانار پىشتى» ناملىق بىر يۈرۈش قىسقا ۋىدىيو فىلىملىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق، خىتاي ئىچى، ھەتتا سىرتىدا ئەگەشكۈچىلەرنى توپلىغانلىقى، «شىنجاڭ ھېكايىلىرى» نى بۇ ئۇسلۇبتا بايان قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان. غەنىزات توختى ئۆتكەن بىر يىلدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىنى كېزىپ، مىڭلىغان دېھقانلارغا «گۈزەل شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى قىلىش تەجرىبىسىنى ئۆگەتكەن. ئۇ، 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، «شىنجاڭنى خەلقئارا سەھنىلەردە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش» ھەققىدە تەكلىپ بەرمەكچى ئىكەن.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» 2023-يىل 1-ئايدا چىقارغان بىر خەۋەردە، ما شىڭرۇي «شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىش» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ «شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەش» دېگىنى، دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى بەختلىك كۆرسىتىش دېگىنى بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇنداق تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتىكەن ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتناشتۇرماقتىكەن.