دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۋا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى» نىڭ 6-مارتتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىن 2016-يىلىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن 8108 ئوقۇغۇچى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن بىر تۈمەن ئوقۇغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئەۋەتىلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن، بولۇپمۇ ئاپتونوم ناھىيەلەردىكى نوپۇسى ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تاللىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئۈچۈن يەنە تەنتەربىيە ۋە سەنئەت كەسىپلىرى بويىچە مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار تولۇقلىنىپ ئېلىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن ‏- يىلغا كۆپەيتىشى، تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا، خىتاي تېررىتورىيەسىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئېرىتىپ تۈگىتىش قەدىمىنى تېزلەشتۈرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت