بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئېمتىھانى ئاخىرلىشىپ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە، يەنى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى دائىرىلەر گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى مەلۇم.
رادىيومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى ئېنىقلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، گۇاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق تۇتقۇنىدا 8 ئوغۇل، 2 قىز ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىنغان. ئادۋوكات تاڭ ئەپەندىنىڭ گۇاڭجۇ شەھەرلىك بىرىنچى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئېلىپ چىققان مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۇتقۇن قىلىنغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەممىسى «تېررور گۇماندارلىرى» سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، گۇاڭجۇدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچى زات تاڭ شىڭلىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 5 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى گې يۇڭشى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى گۇاڭجۇ شەھەرلىك بىرىنچى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا بېرىپ، مەھبۇس تاڭ شىڭلىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. تاڭ ئەپەندى بۇ پۇرسەتتە ئادۋوكات گې يۇڭشىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ، ئۆزى بىلەن بىر كامېرغا قامالغان كامېردىشىنىڭ ئابدۇللا ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى يەتكۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر دۇنياغا ئاشكارا بولغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، گۇاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.