خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ۋە تىبەت ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرمەكتە
2024.09.13
خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەنقىدىي پىكىر ئېقىمىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېڭى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.
12-سېنتەبىر، «ئامېرىكا ئاۋازى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاي بىرلىكسەپ ئورۇنلىرى، خىتاي تەيۋەن ئىشخانىسى يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە چەت ئەللىك بىلوگېرلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بېرىشقا توختىماي دەۋەت قىلغان.
5-سېنتەبىر تەيۋەندە چىققان بىر خەۋەردە، خىتاينىڭ تەيۋەنلىك داڭلىق شەخسلەرنى شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى ۋە بۇ رايون ھەققىدە «گۈزەل ھېكايىلەر» نى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى تەيۋەنلىكلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «گۈزەل مەنزىرىسى، ئېسىل تاماقلىرى ۋە يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلىرى» دىن ھۇزۇرلىنىشقا داۋاملىق جەلپ قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنلىكلەردىن باشقا يەنە، چەت ئەللىك مۇخبىرلار ۋە بىلوگېرلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى، تەسىراتلىرىنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» گە چىقارغان. بۇ گېزىتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇت-كارخانىلار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە تۇرالغۇ جايلارغا بارغانلىقى، قانداقتۇر «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىپ كەتكەنلىكى، يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولغانلىقى، ھەر مىللەتنىڭ ئىناق ياشاۋاتقانلىقى» نى كۆرگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغان تور چولپانلىرىنىڭ پۈتكۈل پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان ھەم كونترول قىلغان؛ شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بايانلىرىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا، بولۇپمۇ چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلىرىگە زىت چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.
2017-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى مىليونلارچە ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بالا چۈشۈرۈش ياكى تۇغماسلىققا مەجبۇرلىغانلىقى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قۇل ئەمگىكىگە سالغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ جەھەتتە ئەڭ ئاكتىپ چارە قوللىنىپ، 2021-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، 2022-يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ قانۇنغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ خىتاينى چەكلەيدىغان قانۇنلارنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن تەشۋىقاتنىڭ رولىغا ئالاھىدە كۈچەۋاتقانلىقى مەلۇم.