«شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش» خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئايلانغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.08

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 3 قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا بىردەك تەكىتلەپ كەلگەن «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۈي ۋە بۇ رايونغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاساسلىق شوئارىغا ئايلانغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇ چۈنخۇا 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان، ئۇنىڭ مەقسىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش سىياسىتىنىڭ مېۋىسىنى قوغداش ۋە ئۇنى كېڭەيتىشنى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش» خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش بولسىمۇ، يەنىلا شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شوئارنى تەكرارلاشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.

خۇ چۈنخۇا ئىلى، بورتالا، شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلغان يېزىلار» ۋە بىڭتۇەن قارىمىقىدىكى سانائەت شەھەرچىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىدە، «مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقىنى ئورتاق باي قىلىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» نى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر رايونىدا ئىقتىسادىي مونوپۇللۇق بىلەن مىللىي ئاسسىمىلاتسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى روشەن بولۇپ، سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۇ نۇقتىنى شەرھلەپ: «خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئەمەلىيەتتە خىتايدىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.