«جەنۇبىي خىتاي سەھىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» غا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەردىن قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان شىنخۇا تورى قاتارلىق بىر قاتار ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ھەدەپ 2014-يىلى ئېچىلغان «2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» نىڭ 5 يىللىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىشقا باشلىغان. بۇ خەۋەرلەردە بىردەك، 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىنكى بۇ 5 يىل ئىچىدە «كۆزلىگەن نەتىجە ھاسىل قىلىندى» دېگەن سۆز كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن. شىنخۇا ئۆزىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، «تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى كۈرەشتە غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۆتكەن 30 ئاي ئىچىدە بىرمۇ تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر بولمىدى» دېگەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھىرى» گېزىتىنىڭ مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ئادەتتە «مەلۇم مۇددەت ئىچىدە زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى» دېگەن بۇ جۈملىنى خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرى مەلۇم كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن ۋە ۋەزىيەتكە قايتا قاراپ چىقىپ، لازىم بولسا بىر قىسىم سىياسەت ئۆزگىرىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان چاغدا قوللىنىدىكەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نۆۋەتتە بۇ ھەقتە كۆپلەپ تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىشىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاش، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېن چۈەنگو باشلىق ئەمەلدارلارنىڭ توختىماي ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت تەكشۈرۈشىدە بولماقتىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىگە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارمۇ توختىماي ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت زىيارىتىگە بېرىپ، خىزمەت دوكلاتى تەييارلاۋاتقان بولۇپ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇشۇ يىل ياز ئىچىدە «3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» ئاچىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.