خىتاي تەشۋىقاتلىرى تالىبانغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن سۆز ئويۇنى ئىشلەتكەن

بىر ھەپتە بۇرۇن خىتاينىڭ شىنخۇا تورى «خىتاي ئەلچىسى ئافغانىستاننى قايتىدىن تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دېگەن نامنى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» دەپ ئۆزگەرتكەن. ھەر ئىككى نامنىڭ ئىنگىلىزچە قىسقارتىلغان شەكلى «ETIM» ئىكەن.

ئىسرائىلىيەلىك پائالىيەتچى ئەننى دېستىنى 25-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتە تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ «مەنچە، خىتاي كومپارتىيەسى تالىبان قېرىنداشلىرىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ‹ئىسلامىي ھەرىكەت› دېگەننى ‹مۇستەقىللىق ھەرىكىتى› گە ئۆزگەرتكەندەك تۇرىدۇ» دەپ يازغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزى دۈشمەن كۆرىدىغان «ئىسلامىي ھەرىكەت» نى تالىبانلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئەقىدە مەسىلىسىدە تالىبانلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشىدىن، ھەتتا ئۇلارنىڭ خىتاينى كاپىرلار دەپ يات كۆرۈشىدىن ئەنسرىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىسمى بار جىسمى يوق «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغىنىدەك، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۇنىڭ نامىنىمۇ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ باققان. خىتاي ھەر قانداق سىياسەت ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ھىيلە ئىشلىتىشكە ئۇستا بولۇپ، سۆز ئويۇنى ئىشلىتىشمۇ ئۇنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدىكەن.