خىتايدىكى «سوخۇ» تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 3-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى چىن چۈەنگو قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىم كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىقلار قاتناشقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان.
يىغىندا چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ 65 يىلدىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تىرىشىپ ئالغا ئىگىرىلەپ، كونىلىقتىن يېڭىلىققا، نامراتلىقتىن باياشاتلىققا، بۆلگۈنچىلىكتىن ئىتتىپاقلىققا ئۆتكەنلىكىدەك ئاتالمىش «پارلاق نەتىجىلەر» نى سۆزلەپ ئۆتكەن. ئاندىن ئۇ كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ ئىزچىل توغرا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن ئاچقان ئىككى قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونم رايونىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
«سوخۇ» تورى قاتارلىق خىتاينىڭ كۆپلىگەن تورلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامى «ئاپتونوم رايون» دەپلا ئېلىنغان بولۇپ، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ خىل ئەھۋال ئىلگىرىمۇ كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانچە ئومۇملىشىپ بارماقتىكەن. بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت ئۇقۇمىنى بارغانچە سۇسلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىش نىيىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شى جىنپىڭنىڭ «2-ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشى بولۇپ، بۇ سىياسەتتە مىللەت ئۇقۇمىنى تەكىتلىمەسلىك، مىللىي ئالاھىدىلىكنى يوقىتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىشان قىلىنغان.