خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي تەھدىتىنى كۈچەيتكەن
2022.07.28
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ 4-ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى، ئارقىدىن ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسىنىڭ 8-ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ خىتاي ھەربىي كۈچلىرى تەيۋەن ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەن.
7-ئاينىڭ 26-كۈنى «ۋاشنگتون پوچتىسى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھىندى-تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىر ئىلىي راتنېر (Ely Ratner) خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن 5 يىلدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىغا يېقىن ئارىلىقتىن تەھدىت سېلىش ۋە دېڭىز چارلىشىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «قارىغاندا بۇ ھەرگىزمۇ بىرەر ئۇچقۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان قارارى ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بىر سىياسىتى ۋە ئۇسۇلى» دېگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن (Lloyd Austin) ئالدىنقى ئايدا شاڭرىلا دىئالوگىدا قىلغان سۆزىدىمۇ خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا خوجا بولۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بارغانچە ئۆكتەم ۋە تاجاۋۇزچى خاراكتېرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىلىي راتنېر خىتاينىڭ ھازىر ھەربىي تەھدىت ۋە قورال كۈچى بىلەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى بۇ رايوندا ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش پىلانىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ تەيۋەنگە سېلىۋاتقان تەھدىتىمۇ كۈچەيگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن «ئەگەر خىتاي تەيۋەننى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنسا ئامېرىكا ئۇنىڭغا قوراللىق ئارىلىشىدۇ» دېگەن، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى قوغداش قانۇنىدا يەنىلا ئېنىقسىزلىق، ئامېرىكا رەھبەرلىرىدە بولسا قارارسىزلىق مەۋجۇت ئىكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسىنىڭ 8-ئايدا تەيۋەنگە بېرىش-بارماسلىقىمۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ بىلەن ھۆكۈمەت بۇ ئىشتا تېخى بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن.