تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلارنى ۋىزا ئىلتىماس قىلماسلىققا دەۋەت قىلغانلىقى مەلۇم
2016.02.21
تەيۋەندە ئېچىلىۋاتقان «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويماسلىق ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگايلارنى ۋىزا ئىلتىماس قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان ئىكەن.
«لوس ئانجېلېس ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەردىن ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى بوب فۇ يۇقىرى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى دېكابىردا تەيۋەن ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ئىككى سىياسىي زاتنى ۋىزا ئىلتىماس قىلماسلىققا ماقۇل كەلتۈرگەن.
بوب فۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئۈستىدە سۆز ئېچىلغاندا، ئۇيغۇر ۋە تىبەت مىللەتلىرى تىلغان ئېلىنمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى مۇنازىرە چالا بولۇپ قالىدۇ.»
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر رابىيە خانىم مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ تەيۋەنگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى خىتايدىن كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىم تەيۋەنگە كىرىش ۋىزا ئىلتىماس رەت قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ بار ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىنغا 26 دۆلەتتىن 99 كىشى كېلىپ قاتناشقان.