تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىزنىڭ ۋەتىنىمىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.07

تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى، «جۇڭخۇا مىنگو» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 113 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇشى «مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى، چۈنكى تەيۋەننىڭ سىياسىي يىلتىزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

 بۇ يىل 5-ئايدا تەيۋەننىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان لەي چىڭدې خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت لەي چىڭدې 4-ئۆكتەبىر تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا، بېيجىڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلىپ، تەيۋەننىڭ «جۇڭخۇا مىنگو» دېگەن نامدىكى بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يىلتىزىنىڭ مانجۇ خانىدانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان 1911-يىلىدىكى «شىنخەي ئىنقىلابى» غا بېرىپ تاقىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949-يىلى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن قۇرۇلغان دۆلەت ۋە خانلىقلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئىمپېرىيەسى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار دۆلىتى، تىبەت خانلىقى، موڭغۇل ئىمپېرىيەسى قاتارلىقلارنى «ئەزەلدىن خىتاينىڭ پارچىسى» دەپ كۆرسىتىۋاتقان، بۈگۈنكى كۈندە بولسا تەيۋەننى «خىتاينىڭ ئايرىلماس قىسمى» دەپ تەكىتلەۋاتقان ۋاقىتتا ئېيتىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى «قاتتىق بىئارام قىلىشى» مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.

 «رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، لەي چىڭدې تەيۋەننىڭ 10-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا قىلغان سۆزىدە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1-ئۆكتەبىر كۈنى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ بولسا يەنە بىر قانچە كۈندىن كېيىن جۇڭخۇا مىنگونىڭ 113 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شۇڭلاشقا، ياش جەھەتتىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مىنگو (تەيۋەن) خەلقى ئۈچۈن ‹ئانا ۋەتەن› بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە، جۇڭخۇا مىنگو (تەيۋەن) خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى 75 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «بۇ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش» ئىكەن.

1911-يىلى مانجۇ ئىمپېرىيەسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان «جۇڭخۇا مىنگو» نامىدىكى «خىتاي جۇمھۇرىيىتى»، 1949-يىلى ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە چېكىنگەن. لېكىن 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى قۇرغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى» تەيۋەننى ئىزچىل ئۆزىنىڭ پارچىسى، دەپ قاراپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.