تاجىكىستان تاجىك-ئافغان چېگراسى ئەتراپىدا خىتاي ھەربىي بازىسى قۇرۇشنى تەستىقلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.27

تاجىكىستان خىتاينىڭ تاجىكىستان-ئافغانىستان چېگراسى ئەتراپىدا يەنە بىر ھەربىي بازا قۇرۇشىنى تەستىقلىغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئېيتىشىلىچە، بۇ خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى ئىكەن. بۇ خىتاينىڭ تاجىكىستاندا قۇرغان تۇنجى ھەربىي بازىسى ئەمەس. ئۇنىڭ بۇرۇنمۇ تاجىكىستاننىڭ ۋاخان كارىدورىغا يېقىن مۇرغاپ رايوندا ھەربىي بازا قۇرۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى 27-ئۆكتەبىر ئاۋاز بېرىپ، تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئارىسىدا ئىمزالانغان ھەربىي بازا قۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلىغان.

تاجىكىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇراخمان ئالەمشاھزادە ھەربىي بازىنىڭ تاغلىق بەدەخشان ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ۋاخان يېزىسىدا قۇرۇلۇدىغانلىقىنى ئېيتقان. «ئازادلىق رادىيوسى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە دۇشەنبىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى مەۋجۇت خىتاي ھەربىي بازىسىنىڭ تولۇق كونتروللىق ھوقۇقىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، خىتاينىڭ ھەربىي ياردىمى بەدىلىگە بازىنىڭ ئ‍ىجارە ھەققىنى ئالماسلىقنى تەكلىپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆججىتىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھۆججەتتە ھەربىي بازىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەكلىپىنى خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بۇ يىل 7-ئايدا تاجىكىستاننى زىيارەت قىلغاندا پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخماننىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئېيتىلغان ئىكەن. ۋېي فېڭخې شۇ قېتىملىق زىيارىتىدە خىتاينىڭ تاجىكىستان بىلەن «تېرورلۇققا قارشى» ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، «تېرورلۇق» ھەرىكەتلىرىنىڭ چېگرا ھالقىشىنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.