تاجىكىستان روگۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.11.13

تاجىكىستان روگۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىغان. مەزكۇر ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ دامبىسى، يەنى، سۇ توسمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 335 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ، خىتاينىڭ «جىنپىڭ-1»سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى دامبىسىدىن 30 مېتىر ئېگىز ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر دىيارى تۇتىشىدىغان پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاغ جىلغىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغا ۋاخش دەرياسىدا ياسىلىدىكەن.

روگۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى پىلانى ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ قاتتىق نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، چۈنكى ئۆزبېكىستان تەرەپ تاجىكىستاننىڭ ئامۇ دەرياسىنىڭ باش قىسمىدىكى سۇ مەنبەلىرىنى بوغۇپ، دامبا ياساش ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىنىشىنى قامال قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك تالاش-تارتىشلارنى قوزغاپ كەلگەن روگۇن ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 3 مىليارد 900 مىليون دوللار سەرپ قىلىنىدىكەن.

ئۆتكەن يىلى يازدا ئىتالىيە شىركىتى «سالىنە ئىمپېرىگلو» مەزكۇر قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. مەتبۇئات ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيەمۇ روگۇن ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئەگەر مەزكۇر سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى پۈتسە، تاجىكىستان ئۆزىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تولۇق تەمىنلىگەندىن تاشقىرى يەنە ئۆز ئېلېكتر ئېنېرگىيىلىرىنى ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا ئېكسپورت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، تاجىكىستاننىڭ روگۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى پىلانى 40 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادى كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.