20-ئۆكتەبىر كۈنى تاجىكىستان بىلەن خىتاي «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 24-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ مانېۋىر تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 10 مىڭغا يېقىن ھەربىي خادىم ئىشتىراك قىلىدىكەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن چېگرىلىنىدىغان تاجىكىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تاجىكىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستانلار بىلەن تېررورلۇققا ئورتاق قارشى تۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بايان قىلغان.
تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان 1300 كىلومېتىرلىق چېگراسىدىكى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئاساسىي قۇرۇلۇشىغىمۇ مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن ئىكەن.