تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتۇلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى قويۇپ بېرىلدى، ئاۋارىچىلىك يەنە داۋاملاشماقتا
2013.05.20
يېقىندا تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 12 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 9 نەپىرى مۇشۇ ئاينىڭ 18-ۋە 19-كۈنلىرى قويۇپ بېرىلگەن؛ ئەمما تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەن 3 نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن داۋاملىق تۈردە ئاۋارە قىلىنماقتا.
ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەنلەر ئەكبەر ۋە ئابدۇرېشىت قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار، ئابلىمىت، دىلشات ۋە ئالىمجان قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
خەۋەردە يەنە بايان قىلىنىشىچە، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋام قىلىۋاتقان سوئال-سوراقلار، بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغا ئېغىر ھالدا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 12 نەپەر ئوقۇغۇچى مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاينىڭ ئالار شەھەرلىك قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن ئورگانلىرى تا ھازىرغىچە تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىگە قانۇنىي رەسمىيەت يوللىمىغان. بۇ ئەھۋال تۇتقۇنلارنىڭ قاماقتىكى ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە گۇمان ۋە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.