خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى داۋاملىق تۈردە ئەسلى ماكانلىرىدىن يۆتكىمەكتە

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-11-18
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى، بولۇپمۇ ئۇزۇن تارىخقا ۋە كۈچلۈك يەرلىك مەدەنىيەتكە ئىگە كونا مەھەللىلەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنى ئۆز جايلىرىدىن ئايرىپ، ئاتالمىش يېڭى ئولتۇراق رايونلارغا كۆچۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18-نويابىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا 6517 ئائىلىنىڭ «ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇراقلىشىش» تۈرىنى تاماملىغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، سانجى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2021-يىلىدىمۇ ئاتالمىش «گۈزەل يېزا» نامىدىكى ئۈچ يىللىق قۇرۇلۇش پىلانى تۈزگەن بولۇپ، ئوبلاست تەۋەسىدىكى يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنى داۋاملىق «ئەمىن ئۆي» لەرگە كۆچۈرۈش ۋە يېڭىدىن مەھەللە بەرپا قىلىش ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە كورلا، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئوخشاش شەكىلدە يەرلىك ئاھالىلەرنى ئەسلىدىكى مەھەللە ۋە كەنتلىرىدىن يۆتكەپ، يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى تارقىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەت قامال قىلىنغان بولسىمۇ، ئەرزان باھالىق ئۆي، ياتاقلىق مەكتەپ قاتارلىق 832 خىل قۇرۇلۇش تۈرى تاماملانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى «كونا ئۆي-مەھەللىلەرنى چېقىش» دولقۇنى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. مۇشۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكا برىن ماۋر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لورېن خانسېن خانىم بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كونا ئۆيلەرنى يېڭىلاش» نامىدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى چېقىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇنى «زېمىن بىلەن كىملىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋە شۇنداقلا مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان،» دەپ چۈشەندۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش، ياشلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنىڭ ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە زور مەبلەغ سېلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۈركۈملەپ يۆتكەپ چىقىشقا باشلىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت