ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئاخىرقى تونېل قۇرۇلۇشى تاماملانغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.04.11

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 10-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئاخىرقى تونېلى «تەڭرىتاغ غالىبىيەت تونېلى» دا قاتناش باشلانغان. 22 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ تونېلنىڭ تېشىلىپ بولۇشى بىلەن ئۈرۈمچىدىن كورلىغىچە بولغان مۇساپە ئەسلىدىكى يېرىم ئاي شەكىللىك 500 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىن تۈز سىزىق شەكلىدىكى 250 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە قىسقارغان.

خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭرىتاغ ۋادىسىنى تېشىپ يول ياسىشى «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل قۇرۇلۇشىنى تاماملىغانلىق»، «يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى زور بۆسۈش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن مەدھىيەلەنگەن بولسىمۇ، بۇنىڭدا كورلا ۋادىسىنىڭ نەشپۈتلىرى ۋە پەمىدۇر قىياملىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ يېڭى تاشيولنىڭ ياسىلىشى قانداقتۇر يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا بەخت يارىتىشنى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقىمۇ قىسمەن ئاشكارا بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «يول قۇرۇلۇشى»، جۈملىدىن «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچىلىك خاراكتېرىدىكى كېڭەيمىچىلىك ئىكەنلىكى لوۋىي ئاقىللار مەركىزىنىڭ 2022-يىلىدىكى دوكلاتىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غول يول قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كونتروللۇق دائىرىسىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇستەملىكىچىلىك» دەپ خۇلاسە چىقارغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.