خىتاي تاشقورغاندا جىددىي تۈردە ياساۋاتقان ئېگىزلىك ئايرودورومىنى 9-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈمەكچىكەن

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى تارقاتقان بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىدە جىددىي تۈردە ئايرودروم قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى 9-ئايدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرمەكچىكەن.

خەۋەردە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تېز سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ يىل 9-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇشنى باشلايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاي يېز سۈرئەتتە ياساۋاتقان بۇ تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودورومى قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئاقتام بازىرىغا جايلاشقان ئىكەن.

تاشقورغان ناھىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن بىلەن چېگرالىنىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تاشقورغاندا ياسىلىۋاتقان ئېگىزلىك ئايرودورومى قۇرۇلۇشىنىڭ دەل ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن، تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ئايرودرومنى جىددىي تۈردە ياسىشى تالىبانلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى ئافغانىستاننىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.