تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى 48 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.31

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋىچاياچا (Phumtam Wechayacha) تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

تايلاندنىڭ «دۆلەت» (The Nation) ناملىق ئىنگلىزچە خەۋەر تورى 30-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۇمتام ۋىچاياچا 30-يانۋار كۈنى قىلغان سۆزىدە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 2013-يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەن ئىكەن، تايلاندنىڭ قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆتكەن 10 يىلدا ھېچقانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمىغانلىقىنى ئېيتقان.

پۇمتام ۋىچاياچا تايلاندتىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تايلاندنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق قانۇنى، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇن-كېلىشىملەرگە ئاساسەن بىر لايىھە تۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەڭ مۇھىمى، خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئويلىشىشتۇر. ئەندىشە قىلماڭلار، تايلاند ھۆكۈمىتى ھېچكىمنى خەتەرلىك جايغا قايتۇرماسلىق پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ».

29-يانۋار كۈنى تايلاند كېڭەش پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پۇمتام ۋىچاياچا بىلەن كۆرۈشۈپ، 48 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن 48 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى يېقىندىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات بېرىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى 48 ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان؛ ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تەن جازاسى ۋە ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىگە ئۇچرايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.