تايلاندتا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.08.12

تايلاند ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. قىسقىغىنا بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، خۇا لىن، پۇكەت، سۇرات ۋە تانى قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا 4 كىشى ئۆلگەن ۋە كۆپلىگەن كىشى يارىلانغان.

تۇنجى پارتلاش پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، پەيشەنبە كېچىدىن ۋە جۈمە ئەتىگەنگىچە داۋام قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ئارىسىدا چەتئەللىكلەرمۇ بار.

تايلاند ساقچىلىرى بۇ پارتلاشلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەسلىكىنى، خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ۋە بۇنىڭ يامان نىيەتتە ئېلىپ بېرىلغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ساقچى تەرەپنىڭ بىر باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بىخەتەرلىك تارماقلىرى دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردە بۇ پارتلاشلارنىڭ ئۆز - ئارا مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقىمىغان. ئەمما،

بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ پارتلىتىش ھۇجۇملىرىدا ۋەقە سادىر قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولۇپ، بىر قېتىملىق تەشكىللىك ھۇجۇم دەپ قاراشقا بولىدىكەن. لېكىن ھۇجۇم قوزغاش مەقسىتى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

تايلاندتا 2014 - يىلى 5 - ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھەربىي ھاكىمىيەت تەختكە چىققان. ئۆتكەن ھەپتە ھەربىي ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئاساسىي قانۇن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلغان.

بۇ ھۇجۇملارنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن بىلەن ئالاقىسى بار - يوقلۇقى تەكشۈرۈلمەكتە.

2015 - يىلى 17 - ئاۋغۇست تايلاند پايتەختى باڭكوكتا پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 20 نەچچە ئادەم ئۆلگەن. بۇ ۋەقەدىن كېين تايلاند دائىرىلىرى ئىككى ئۇيغۇرنى ھۇجۇم گۇماندارى دەپ قولغا ئالغان ۋە سوتقا تارتقان، لېكىن دېلو تېخى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە خۇلاسىلەنمىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.