رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند باش مىنىستىرى پرايۇس چان ئوچا 1-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، تايلاندتا 17-ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن پارتلاشتىكى 2-گۇماندارنىڭ خىتاي پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيەنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جوناس ھايدىنىڭ 1-سېنتەبىر ئېلان قىلغان رەسىملىك خەۋىرىدە، تايلاند ساقچى دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان 2-گۇماندارنىڭ خىتاي پاسپورتىنىڭ كوپىيىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پاسپورتتا بۇ كىشىنىڭ مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك، 1989-يىلى 1-ئۆكتەبىر تۇغۇلغان خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، 17-ئاۋغۇست تايلاندتىكى پارتلاشنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا تايلاند دائىرىلىرى قانۇنسىز چېگرادىن كىرگەن دېگەن باھانىدە خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 109 نەپەر ئۇيغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە يەنە، تايلاند ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتىدىكى «بىز يەنىلا سوراقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئۇ چەتئەللىك، ئاساسىي گۇماندار بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان. ھالبۇكى، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى تايلاند دائىرىلىرى 17-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن 20 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان باڭكوكتىكى پارتلاش ۋەقەسىدىكى گۇماندارنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاندنىڭ بۇ باياناتىنى ئاساسسىز دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.