ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن 50 مىليون تون تىتان كان بايلىقى بايقالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2025.02.03

«يەر شارى تورى» نىڭ «چوڭ بايقاش» ناملىق مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىن 50 مىليون تون تىتان كان بايلىقى بايقالغان بولۇپ، «ئىستراتېگىيەلىك» ۋە «بۆسۈش خاراكتېرلىك» بايقاش دەپ ئاتالغان.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە كەم ئۇچرايدىغان تىتان كانى بايقالغان بولۇپ، يوشۇرۇن بايلىق مىقدارى تەخمىنەن 50 مىليون توننا دەپ مۆلچەرلەنگەن. بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئىككىنچى مۇھىم تىتان كانى ھېسابلىنىدىكەن.

تىتان مۇھىم مىنېرال بايلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى سەۋەبىدىن ئوق ئۆتمەس ماتېرىيال، راكېتا يېقىلغۇسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا كەڭ قوللىنىلىدىغانلىقى بىلىنمەكتە.

خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 2024-يىلى 10-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى قۇمۇلنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا تاپقان تىتان ماگنىت كانى بايلىق زاپىسى 358 مىليون توننا، مىنېرال تىتان بايلىقى 21 مىليون 500 مىڭ توننا، فوسفور بايلىقى 5 مىليون 550 مىڭ توننا دەپ مۆلچەرلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقى، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ھەر خىل قىممەتلىك كان بايلىقلىرىنى قېزىشنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى كان رايونلىرىدا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى سانائەت توپى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بازىسى قىلىش پىلانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.