ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسى خىتاينىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ قالماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.10.17

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكىدىكى يېڭىدىن بايقالغان بىر تەبىئىي گاز زاپاس نۇقتىسى ئونسۇ ناھىيەسىدە بولۇپ، نۆۋەتتە «بوز تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى» 15-ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش 2022-يىلى ئىيۇلدا باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە يىلىغا 10 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گازنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇنداقلا ھەر كۈنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر يېرىم كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان 20 نەچچە مىليون ئائىلىنىڭ كۈندىلىك گاز ئېھتىياجىنى قامداشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئەمما بۇ تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ يەرلىك خەلققە ھېچقانچە مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىزمەت ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرى نۆۋەتتە «خىتاي سانائەت ساھەسىنىڭ جان تومۇرى» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئاممىۋى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئائىلىلىرى ئىشلىتىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ ھەر 30 كۈپ مېتىرى تەخمىنەن ئىككى دوللار ئەتراپىدا بولماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.