خىتاي تەكلىماكاننى «ئالتۇن ماكان» غا ئايلاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.14

خىتاي دائىرىلىرى تەكلىماكاننى يېشىللاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ 14-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى» چىرا قۇملۇق تەتقىقات پونكىتى تەكلىماكان چۆللۈكىنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە ئۇنى «ئالتۇن ماكان» غا ئايلاندۇرۇش تەتقىقاتىدا يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

خەۋەردە تەشۋىق قىلىنىشىچە، 40 يىللىق تارىخقا ئىگە چىرا قۇملۇق تەتقىقات پونكىتى چۆل ئۆسۈملۈكى بولغان يانتاقنى تەشتەكتە ئۆستۈرۈپ كۆپەيتىپ، ئۇنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش رولىدىن پايدىلانماقچى بولغان. بۇ پونكىت 40 يىل مابەينىدە قۇملۇقنى تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنى 6 كىلومېتىردىن 8 كىلومېتىرغىچە چېكىندۈرۈپ، چىرا ناھىيە بازىرىغا كېلىدىغان قۇملىشىش تەھدىتىگە تاقابىل تۇرغان. ئۇلار يەنە قۇملۇق گىرۋەكلىرىدە زىرائەت، كېۋەز ۋە مايلىق پۇرچاق تېرىغان؛ 10 مىڭ مولۇق سىناق ئېتىزىدىن كۆپلەپ بۇغداي ۋە پاختا مەھسۇلاتى ئالغان. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەتراپتىكى دېھقانلاردىن تېرىلغۇ يەر تالاشمايدىكەن. چۈنكى، كەڭ كەتكەن چۆلنى بوستان قىلىشنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەش ھەم ئىقتىسادىي بايلىق يارىتىشتەك قوش ئەۋزەللىكى بولىدىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 70 يىلدىن ئۇيغۇر زېمىنىغا ئېلىپ كەلگەن ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقى ھەممىگە ئايدىڭ پاكىت بولۇپ، تەتقىقاتچى دەررېن بايلېرنىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتى بەرپا قىلىش ئەمەس، بەلكى بۇزۇش؛ تەقدىم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئېلىش. يەنى بايلىق بۇلاش. مۇستەملىكىچىلەر ھەر دائىم ئۆزى بېسىۋالغان زېمىندىن بايلىق ئىزدەيدۇ ۋە ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدۇ. مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلار، يەنى يەرلىك ئاھالىلەر بولسا بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسىنى كۆرەلمەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.