ئىگىلىشىمىزچە، چىرا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا 30 ماددىلىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئاممىنى «تېررورلۇق-زوراۋانلىق» قا دائىر يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىن ئېتىشكە سەپەرۋەر قىلغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇش چىرا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تورى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرقانداق بىر گۇمانلىق شەخس ياكى گۇمانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە ئالدىن يىپ ئۇچى تەقدىم قىلغانلارغا 1000 سومدىن 500 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
30 ماددىلىق بۇ ئۇقتۇرۇشتا جەمئىي 9 نۇقتا بويىچە گۇمانلىق ئەھۋاللاردىن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى كۆرسىتىلگەن. ئۇلار «زوراۋانلىق-تېررورلۇق» قا دائىر ئۇچۇر-ئاخباراتلار، توردىكى «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» كە دائىر ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى، «تېررورلۇق» قا ياردەم قىلغانلارنىڭ يىپ ئۇچى، «سىرتتىن قايتىپ كەلگەن» كىشىلەردىكى غەيرىي ئەھۋاللار، دىنىي ساھەدىكى گۇمانلىق ھالەتلەر، پارتلىغۇچى بۇيۇملار ۋە قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرى، ئاقما نوپۇس ۋە ئىجارە ئۆيلەرگە دائىر ئۇچۇرلار، زەربە بېرىلگەن ياكى بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىكى غەيرىي ئەھۋاللار ھەمدە باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى گۇمانلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە «غازات»، «ھىجرەت» قاتارلىق سەزگۈر ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەنلەر؛ «ئاييۇلتۇز» بەلگىسىنى تاقىغانلار؛ دۇربۇن، كومپاس، خەرىتە، ئارقان، تىغلىق ئەسۋاب، تۆمۈر تۇرۇبا، سەرەڭگە قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالغانلار؛ ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نى «كاپىر»، «مۇناپىق»، «خائىن» دەپ تىللىغانلار ياكى ئۇلار ئۆتكۈزگەن توي، نەزىرلەرگە بارمىغانلار ياكى ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتىن قاچقانلار ھەققىدىمۇ يىپ ئۇچى تەقدىم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى بارلىق ئاھالىلەرنى ھۆكۈمەت ئۈچۈن «كۆز-قۇلاق» بولۇشقا ھەمدە ئاساسىي قاتلامدا ئامما ئارىسىغا يېيىلغان جاسۇسلۇق تورى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ھۆججەتلىك پاكىتى، دەپ ھېسابلىماقتا.