ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى«مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» كە كاپالەتلىك قىلىدىغان كادىرلار سېپىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن.
«شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزىلاردا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» ئۈچۈن مەخسۇس يېزا دەرىجىلىك تايانچ كادىرلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى يولغا قويغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، 2015-يىلى ئىچىدە 1000 نەپەر يېزا دەرىجىلىك كادىر تەربىيىلەنگەن. 2014-يىلى ئىچىدە بولسا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت-شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك 35 مىڭدىن ئارتۇق كادىر تەربىيىلەنگەن.
بۇ كادىرلار ئادەتتە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» سىياسىتىنى يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش بويىچە 45 كۈنلۈك سىياسىي نەزەرىيە كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ جەھەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەدبىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىراق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىققا دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خەۋەردە يەنە، 2016-يىلىدا دەسلەپكى تۈركۈمدە تەربىيىلەنگەن 600 نەپەر كادىرنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇق سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىدىغان ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.