ئامېرىكانىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى تېسلا ئۈرۈمچىدە تۇنجى ئاپتوموبىل سېتىش مەركىزى ئاچقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.01.03

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى تېسلا ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاپتوموبىل سېتىش مەركىزىنى ئاچقان. تېسلانىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكېسۋاگېنغا ئۇنىڭ ئ‍ۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى تاقاش توغرىسىدا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئ‍ۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل سېتىش مەركىزى ئېچىشى دىققەت قوزغىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تېسلانىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىكەن.

«خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل خەۋەرلىرى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېسلانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزكۇر ئاپتوموبىل سېتىش مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ «مىدوڭ ئاپتوموبىل شەھەرچىسى» دە ئېچىلغان بولۇپ، 1620 كۋادرات مېتىرلىق بىر دائىرىنى ئىگىلىگەنىكەن. خەۋەردە، ھازىر تېسلانىڭ ئۈرۈمچىدە ئىككى، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي يەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلاش پونكىتى بارلىقى، بۇ پونكىتلاردا 36 دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلىغۇچ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تېسلانىڭ ئ‍ۈرۈمچىدىكى سېتىش مەركىزى سېتىش، مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كېيىنكى خېرىدارلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

تېسلانىڭ خەلقئارادا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ سېتىش مەركىزىنى ئېچىشىغا قانداق ئامىللارنىڭ تۈرتكە بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا ۋلكېسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت ئېچىش نىيىتى بولمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە زاۋۇت ئېچىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ، بۇنى ئۇنىڭ خىتايدىكى سودىسىغا شەرت قىلىپ قوشقانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.