تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سەي يىڭۋېن تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيانقى «خىتايلىشىشنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنىڭ بىر قەدىمى سۈپىتىدە 28-نويابىر بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا «موڭغۇل-تىبەت كومىتېتى» نى تارقىتىۋېتىشنى تەستىقلىغان.
تەيۋەندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىدىن بولغان پالاتا ئەزاسى لى چۈنيى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئىشلار ھازىر ئۆزگەردى. شۇڭا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى موڭغۇل ۋە تىبەتلەرگە دائىر ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىدىغان بۇ كومىتېتقا ھازىر ئېھتىياج يوق» دېگەن. خىتاينىڭ «ۋاڭيى» تورىدىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ كومىتېتنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپلەر ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ ئەمەلىيلەشمىگەن ئىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا «تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوخشاش بىر دۆلەت» دېگەن قاراشقا جان-جەھلى بىلەن قارشى بولغان سەي يىڭۋېن تەيۋەننىڭ خىتاي دۆلىتى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشنىڭ بىر قەدىمى شەكلىدە بۇ كومىتېتنى بىكار قىلىش قارارىنى ئالغان.
تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى دوكتور لوبساڭ ساڭگاي تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1928-يىلى «موڭغۇل-تىبەت كومىتېتى» نى تەسىس قىلىپ، موڭغۇللار ۋە تىبەتلەرگە دائىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىدىكى «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نىڭ رەئىسى ۋۇ جوڭشىن بۇ كومىتېتنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن. 1949-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە چېكىنگەندىن كېيىن مەزكۇر كومىتېتمۇ تەيۋەنگە يۆتكەلگەن. ئەمما شۇنىڭدىن بۇيان ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن قېلىپ قالغان ئىكەن.