د ئۇ ق: «تەيۋەن خەلقىنىڭ سەي يىڭۋېننى قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلاپ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىدىن ئىلھاملاندۇق»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.01.14

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 13‏-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، شۇنداقلا تەيۋەن خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، د ئۇ ق تەيۋەن خەلقىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي سەي يىڭۋېننى قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلاپ، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىدىن ئىلھاملانماقتىكەن.

باياناتتا، سەي يىڭۋېننىڭ قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى بارلىقى تەكىتلىنىپ: «بۇ تەيۋەننىڭ بېيجىڭنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى» دېيىلگەن. سەي يىڭۋېن 11‏-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا 57. 2 پىرسەنت بېلەتكە ئېرىشىپ، رەقىبى خىتاي مىللەتچى پارتىيەسى(گومىنداڭ)نىڭ پرېزىدېنت نامزاتى خەن گويۈنى مەغلۇپ قىلغان. خەن گويۈ سايلامدا 38. 6 % بېلەتكە ئېرىشكەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، سەي يىڭۋېننىڭ قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىنى بېيجىڭغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال، دەپ قارىماقتا.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ خەلقئارا پائالىيەت بوشلۇقىنى ئىزچىل بوغۇپ كەلگەنىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ تەيۋەننى دىپلوماتىيە، ئىقتىسادى جەھەتلەردە يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭنىڭ تەيۋەننى ئىگىللىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇيغۇرلار نەچچە ئون يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ باستۇرۇش بويۇنتۇرۇقىدا ياشاپ كەلدى. ئۇلار بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر دىنىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلانماقتا. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ سەۋەبسىز لاگېرلارغا قامىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېيىلگەن. بۇ قېتىمقى سايلام خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، 2017‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قامىشى زور خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغان جىددىي مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.