شەنبە كۈنى تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان يەرلىك بېلەت تاشلاشتا ھاكىمىيەت بېشىدىكى بېيجىڭپەرەس گومىنداڭ پارتىيەسى مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان دېموكراتىك پارتىيىگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.
بۇ قېتىم تەيۋەندە يەرلىك دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاشتا ئاساسلىقى شەھەر باشلىقلىرى ۋە يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلغان.
سايلامدا 11 مىڭ كىشىلىك ئورۇنغا گومىنداڭ ۋە تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن 20 مىڭ كاندىدات رىقابەتكە چۈشكەن.
گومىنداڭ پارتىيەسى نۆۋەتتە تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدا بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە ئەزالىرى تەيۋەن دۆلەتلىك پارلامېنت، يەرلىك باشلىق ۋە پارلامېنتلاردا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمى سايلامدىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدىكەن.
BBC دا خەۋەر قىلىشىچە، گومىنداڭ پارتىيەسى كاندىداتلىرى تەيبېي ۋە تيەنچۇڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئۈستۈنلۈكىنى تارتقۇزۇپ قويغان.
نەتىجىدە تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيەسىدىن بولغان باش مىنىستىر جياڭ يىخۇا ۋەزىپىسىدىن دەرھال ئىستېپا بەردى.
گومىنداڭ پارتىيەسىدىن ما يىڭجيۇ ئالدىنقى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، خىتايغا مايىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كۆپلىگەن تەيۋەنلىكلەرنىڭ غەزىپىنى قوغدىغان.
تېخى يېقىندا تەيۋەن ئوقۇغۇچىلىرى تەيۋەن پارلامېنتىغا بېسىپ كېرىپ تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاي بىلەن تۈزمەكچى بولغان سودا كېلىشىمىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
2016 - يىلى تەيۋەندە پرېزىدېنتلىق ۋە دۆلەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم سايلاملارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.