تىبەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا قارشى تۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى «تىبەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تىغ ئۇچى دىنىي ئېتىقادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ خەۋەر تاراتقۇلارغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى تىبەت جامائىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بۇ ھەقتە يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «گەرچە تىبەتنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىمىز. تىبەتتىكى چىرىكلىككە قارشى كۈرەش ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم يەرلىك كومپارتىيە كادىرلىرىنىڭ يوشۇرۇنچە دىنغا ئېتىقاد قىلىشى ياكى دالاي لامانى تاۋاپ قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدەك قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «كادىرلار ئىچىدىكى ‹ئىككى يۈزلۈك› كىشىلەر، ‹مىللەت قارىشى توغرا بولمىغان› لار ياكى ‹يوشۇرۇنچە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان› لار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.»

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەتتىمۇ خۇددى ئۇيغۇر ئېلىغا ئوخشاشلا «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» باھانىسىدە تىغ ئۇچىنى ئۇچىنى سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك بولمىغان يەرلىك كادىرلارغا قارىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.