ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ توك بايلىقى خىتاينى غايەت زور «سەمرىتكەن»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى بولۇپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم پاكىت بولسىمۇ، بۇ جاينىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەشتىكى مۇھىم بازا بولۇپ كەلگەنلىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نامەلۇم ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 3-ئىيۇل كۈنى تارقاتقان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سوزۇلغان ئۈچ مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆت غول توك لىنىيەسى ئارقىلىق توشۇلغان توك مىقدارى 300 مىليارد كىلوۋاتتىن ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاساسلىق توك ئېنېرگىيە تومۇرى»، «دۇنيا بويىچە ئەڭ زور مىقداردا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»، «تېخنىكىلىق سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان توك يەتكۈزۈش سىستېمىسى» دېگەندەك تەقدىرلەشلىرىگە ئېرىشكەن. بۇ لىنىيەلەر ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقان توك مىقدارى خىتاي مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى (GDP)گە ھەر يىلى 13 مىليارد سوم (تەخمىنەن ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) قىممەت قوشىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ تۆت غول توك لىنىيەسى ئارقىلىق خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە توك يەتكۈزۈش داۋام قىلماقتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى بۇ توك يەتكۈزۈش لىنىيەلىرى بۇندىن كېيىن داۋاملىق كېڭەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇنى «شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بازا قۇرۇلۇشىدىكى زور تەرەققىيات» دەپ تەرىپلىگەن.

ھالبۇكى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ھازىرغىچە توك لىنىيىسى يېتىپ بارمىغان سانسىزلىغان ئورۇنلار بولۇپ، توك مەسىلىسى مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان مۈشكۈلاتلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ «مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بايلىق قېزىشى تەرەققىيات ئەمەس. چۈنكى ئۇ يەرلىك خەلققە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن ئەمەس. ئۇلار ھەرقاچان مۇستەملىكە رايونىدىكى بايلىقنى قېزىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان بولۇپ، بۇ جايدىكى يەرلىك خەلق ياكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ نەزىرىدە مەۋجۇت بولمايدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت